More Messages Welcome

بىز بارلىق سىياسىي مەھبۇسلارنى بىزگە ئۆزلىرىنىڭ يۈرەك سۆزلىرىنى ئەۋەتىپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىمىز

سەرگۈزەشتلىرىڭىزنى ۋە يۈرەك سۆزلىرىڭىزنى ئانا تىلىڭىزدا يېزىپ ئەۋەتسىڭىز بولىدۇ. سىزنىڭ داۋاملىق ئەسەر ئەۋەتىپ تۇرۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز.

يازمىلىرىڭىز، ئەگەر مەن ھازىر تۈرمىدە بولغان بولسام تاشقىرى دۇنيادىن نىمىنى ئاڭلاشنى ئۈمىد قىلاتتىم، دېگەن مەزمۇننى يورۇتۇپ بەرسۇن. سادايىڭىز تۈرمىدىكى ئاشۇ مەھبۇسلارغا ئىشەنچ، كۈچ-قۇۋۋەت ۋە سەبرە بەرسۇن، ئىرادىسىنى كۈچلەندۈرسۇن. پەقەت ئۇلارنىڭ ئىرادىسىنى چىڭىتسۇنكى، ئۇلارنى توپىلاڭ كۆتۈرۈشكە، زوراۋانلىق ئىشلىتىشكە قۇترىمىسۇن.

كەچمىشلىرىڭىزنى بايان قىلغاندا ئىسمىڭىزنى، نەدە، نېمە سەۋەبتىن ۋە قانچىلىك تۈرمە ئازابى كۆرگەنلىكىڭىزنى ئېنىق يېزىڭ. مەملىكىتىڭىزدىكى دىكتاتورنىڭ،تۈرمە خىزمەتچىلىرىنىڭ، سىزنى قىيىن قىستاققا ئالغان كىشىلەرنىڭ، ۋە شۇنداقلا جازا لاگېرىنىڭ ئىسمى يازماڭ. بولمىسا يازمىلىرىڭىزنى قانۇنى سەۋەبلەر تۈپەيلى ئېلان قىلالماي قالىمىز.

ئاۋازلىق ئەسەرلىرىڭىز 3-5 مىنۇت ئۇزۇنلۇقتا بولسۇن. ئۇنى MP3 ئاۋاز ھۆججىتى فورماتىدا ئەۋەتسىڭىز، ئەگەر مۇمكىن بولمىسا مۇمكىن WAVE فورماتىدا ئەۋەتسىڭىزمۇ بولىدۇ.

بىز بىلەن تۆۋەندىكى ئېلخەت ئادرېسى

info@radio-humanity.com

ئارقىلىق ئالاقىلىشىڭ ياكى ئەسەرلىرىڭىزنى تۆۋەندىكى ئادرېسقا

Peter E. Mueller
Glueckaufstr. 12
30974 Wennigsen, Germany

قا ئەۋەتىڭ.

تونۇشلىرىڭىزغا ئىنسانىيەت رادىئوسى تەۋسىيە قىلىشىڭىزنى ۋە ئۇلارنىمۇ ئەسەر ئەۋەتىشكە دەۋەت قىلىشىڭىزنى سەمىمىي ئۆتۈنىمىز