Our mission is to send a ray of hope into prison cells and camps

بىزنىڭ نىشانىمىز تۈرمە كامېرلىرىدا ۋە جازا لاگېرلىرىدا ئازاب تارتىۋاتقانلارغا ئۈمىد دولقۇنلىرىنى ئۇزىتىش

ئالدى بىلەن ئىنتېرنېتتا، كىيىن ئىمكانىيەت يېتىشكەنچە باشقا رادىئو ئىستانسىلىرىدا، ھەممە تىلدا ۋە ھەممە قىتئەدە ئاڭلىتىش بېرىش

بۇرۇن تۈرمىدە ياتقان كىشىلەر، مەھبۇسلارنىڭ تاشقىرى دۇنيادىن “سىلەر ئۇنتۇلغىنىڭلار يوق!” دېگەندەك كىچىككىنە ساداسىنى ئاڭلىيالىسىمۇ قاتتىق روھلىنىپ قايتىدىن ياشاش تۇيغۇلىرىنىڭ كۈچىيىدىغانلىقى ئۆزلىرىنىڭ تەجرىبىلىرىدىن يەكۈنلىگەن ئىدى.

مۇتلەق كۆپ قىسىم جازا لاگېرلىرىدا نە ئىنتېرنېت نە رادىئو يوق. ئۇلار تاشقى دۇنيانىڭ خەۋەرلىرىنى پەقەت باشقا تۈرمىداشلىرى، يېڭىلا تۈرمىگە كىرگەنلەر، ياخشى كۆڭۈللۈك تۈرمە خادىملىرى، زىيارەتچىلەر ۋە ياكى پاراڭلىرىدىن ئاڭلىيالايدۇ. بۇ خىل ئەھۋال سوغۇق ئۇرۇش مەزگىلىدە جەنۇبى ئامېرىكىدىكى پۈتۈن كوممۇنىست دۆلەتلىرىدە كەڭ كۆرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئافرىقا ۋە ئاسىيا تەرەپلەردە بولمىغان. لېكىن، شۇ نەرسە ئېنىقكى تۈرمىنىڭ تاملىرى ئاۋازنى مۇتلەق توسۇپ قالالايدىغان سىرلىق نەرسە ئەمەس.

ئۈمىدىمىز شۇكى، “ئىنسانىيەت رادىئوسى” ھەممە جايدا ئاڭلىتىلسۇن، ئاشۇ ئازاب ئوقۇبەت چېكىۋاتقان ئىنسانلارنىڭ تەلەيسىز تەقدىرى كىشىلەر ئارىسىدا بىلىنسۇن، ھەمدە بۇ كىشىلەر ئۆز ھۆكۈمەتلىرىنى ۋە پارلامېنتلىرىنى ئاشۇ بىچارىلەرنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ھازىرقىدىنمۇ جىقراق خىزمەتلەرنى قىلىشقا ھەيدەكچىلىك قىلسۇن.